速報APP / 音樂與音效 / UYGHUR MAN

UYGHUR MAN

價格:免費

更新日期:2020-03-24

檔案大小:64.6 MB

目前版本:1.2.0

版本需求:系統需求:iOS 11.0 或以後版本。相容裝置:iPhone、iPad、iPod touch。

支援語言:英語

UYGHUR MAN(圖1)-速報App

ئامېرىكادىكى جەڭگىۋار ئۇيغۇر ياشلىرى ئايلاردىن بۇيان تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق نۆۋەتتە سىز كۆرىۋاتقان «ئۇيغۇرمەن» ئەپ دېتالىنى رويابقا چىقاردى.

مەزكۇر ئەپ دېتال نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى سەۋەبلىك ئۇيغۇر تىلىدىكى رومان-پوۋستلارنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايۋاتقان ياكى شۇ خىلدىكى كىتاب-ماتېرىياللارنى تاپالمايۋاتقان بوشلۇقىنى تولۇقلاپ، يان تېلېفون ئارقىلىق ھەر قانداق ۋاقتتا ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرالايدىغان بىر سەھنىنى ھازىرلىغۇسى.

UYGHUR MAN(圖2)-速報App

بۇ ئەپكە تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار مۇجەسسەملەنگەن:

1. ئاۋازلىق ئەسەرلەر: ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ھەرخىل ژانىرالاردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى.

UYGHUR MAN(圖3)-速報App

2. ناخشا مۇزىكىلار: ئۇيغۇر ناخشىچىلار تەرىپىدىن ئورۇندالغان مىللىيچە ناخشا مۇزىكىلار.

3. ئېلكىتاپ: ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتابلارنى يان تېلېفوندا ئوقۇش نۇسخىسى.

UYGHUR MAN(圖4)-速報App

4. قوللىنىشچان قوراللار:

• ئۇيغۇرچە OCR : بۇ تېخنىكا رەسىم ھالىتىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى سۈزۈپ ئېلىپ، نورمال يېزىق ھالىتىگە ئايلاندۇرىدۇ. توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى. بۇ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەنگەن ئەپ دېتاللارنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرى ئىچىدىكى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى تېخنىكا ھېسابلىنىدۇ.

UYGHUR MAN(圖5)-速報App

• يېزىق ئايلاندۇرۇش: ئۇيغۇرچە كونا يېزىق، لاتىن يېزىقى ۋە سىلاۋىيەنچە يېزىقلارنى ئ‍ۆز-ئارا ئايلاندۇرىدۇ.

• كۆپ تىللىق لۇغەت: ئۇيغۇرچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-ئېنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر.

UYGHUR MAN(圖6)-速報App

مەزكۇر ئەپ دېتالدىكى بارلىق ئېلانلارنى ئۈچىنچى تەرەپ شېركەتلەر تەمىنلىگەن بولۇپ، بىز بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى يوق. ئەگەر بىزگە ئېلان بېرىشنى ياكى ئەسەرلىرىڭىزنى ئېلان قىلىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ. ئېلاندىن كىرگەن كىرىمنى ئەپنىڭ كەلگۈسى راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىمىز.

ئېلخەت ئادىرسىمىز: uyghurmanteam@gmail.com

UYGHUR MAN(圖7)-速報App

支援平台:iPhone, iPad